Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەڭ كۇشادە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز ئەركى - ئىختىيارى بويىچە، قىسلماي.
ئەركىن، ئازادە ياشاش ئادەمنىڭ تەلىپى ۋە ھوقۇقى. ئەزىز مېھمانلار، ئەركىن - ئازادە، كەڭ - كۇشادە ئولتۇرۇڭلار، _ دېدى ساھىبخان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئېشىپ - تېشىپ، كەڭتاشا، قىسىنچىلىقسىز.
بازار بېگىمنىڭ ئېيتىشىچە، زىياپەت ناھايىتى كەڭ - كۇشادە ئۆتكۈزۈلۈپتۇ.
ئەركىن - ئازادە، ئۆزى خالىغاندەك، ئىختىيارىي ھالدا، ئېچىلىپ - يېيىلىپ.
- چاقچاق قىلمىسىلا، - دېدى ھېلىقى كىشى، - بىز كەڭ - كۇشادە ئولتۇرۇپ سودىلاشتۇق.
چوڭ، يوغان، ئازادە، كەڭ.
تاملىرى ئاقارتىلغان كەڭ - كۇشادە ئايۋان سۇپىسى كەسىپداشلار بىلەن تولغانىدى.