Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كائۇنتىس
دائىرە: دۇنيا تارىخى考尼茨
kǎo ní cí
(1711 - 1794) ئاۋستىرىيەنىڭ باش ۋەزىرى (1753 - 1792). 1742 - 1744 - يىللىرى تۇرنىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1750 - 1753 - يىللىرى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. باش ۋەزىر بولغاندا، <تەرەققىيپەرۋەر پادىشاھلىق تۈزۈم> ۋە ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن تۈزۈمنى قوللىغانلىقتىن، مارىيە تېرېسانىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئەمەلىي ھوقۇقنى ئۆز قولىدا تۇتقان. سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. 1756 - يىلى 5 - ئايدا فرانسىيە - ئاۋسترىيە ھۇجۇم - مۇداپىئە ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، پرۇسسىيىگە قارشى تۇرغان. يەتتە يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە، ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، فرانسىيە، روسىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، پرۇسسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. جوسىف Ⅱ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىياسىي تەسىرى بارغانسېرى تارىيىپ بارغان. 1790 - يىلى لېئوپولد Ⅱ بىلەن پرۇسسىيە تۈزگەن <رېسېنباخ كېلىشىمى>گە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. 1792 - يىلى فرانس Ⅱ نىڭ پرۇسسىيە بىلەن ئاۋستىرىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەنلىكى سەۋەبى بىلەن ئىستىپا بەرگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.