Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاڭخا ئارىلى ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ چاۋشيەننىڭ كاڭخا ئارىلىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى. 1875 - يىلى 4 - ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن <كۇموئاگې> قاتارلىق ئۈچ ھەربىي پاراخوتنى چاۋشيەنگە ئەۋەتىپ ھەيۋە قىلغان. 5 - ئايدا ۋونسان پورتىغا كېلىپ توختىغان ھەمدە قوراللىق مانىۋېر ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىنى بويلاپ، قوراللىق رازۋىتكا ئېلىپ بېرىپ ياپونىيىگە قايتقان. 9 - ئايدا <يونياڭ> پاراخوتى يەنە كاڭخا قولتۇقىغا ئۈسۈپ كىرىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان ھەمدە كاڭخا ئارىلىدىكى ساۋجى بازىرى پوتەيلىرىنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، چاۋشيەن مۇداپىئە ئارمىيىسى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن. <كۇموئاگې> ھەربىي پاراخوتى يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ، يوڭزوڭ ئارىلى پوتىيىنى توپقا تۇتقان ھەمدە بۇ ئارالدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قويۇپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلغاندىن كېيىن ئالدىراپ - تېنەپ قېچىپ كەتكەن. 10 - 11 - ئايلاردا ياپونىيە ھەربىي پاراخوتلىرى يەنە داۋاملىق تۈردە ۋۇنسانغا ھۇجۇم قىلغان. 1876 - يىلى 1 - ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى سۇمتاكىيوتاكا، مۇئاۋىن ئەلچى ئىكامى كائورو باشچىلىقىدىكى ھەربىي فلوتنى ئەۋەتىپ، چاۋشيەنگە بېسىپ كىرىپ، 2 - ئاينىڭ 62 - كۈنى قورال كۈچى بىلەن چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنى تۇنجى تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامە <كاڭخا شەرتنامىسى>نى ئىمزالاشقا مەجبورلىغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن چەت ئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە باشلىغان.