Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاڭⅠ
كاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① ئۆينىڭ ئىچىگە خىش ياكى كېسەكتىن ئېگىز قىلىپ ياسىلىدىغان سۇپا شەكىللىك قۇرۇلما. ئۇنىڭ ئوچىقى، تېگىدە ئىس ماڭىدىغان يوللىرى بولىدۇ. ئوچاققا ئوت قالىغاندا ئىسنىڭ تەسىرىدە ئۆي ئىسسىيدۇ. ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشقىمۇ، يېتىپ ئۇخلاشقىمۇ بولىدۇ:[مىسال:] يىگىتلەر چىراغ كۆتۈرۈپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرگەندە 17 — 18 ياشلاردىكى بىر قىز كاڭدا سوزۇلۇپ ياتاتتى.[يەشمىسى:] ② تۆمۈرچىلەر ئىشلىتىدىغان شامال ساندۇقنىڭ ئاستىنقى قېرىنچىسى.