Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاتىپ چەلەبى
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1599 - 1658) ھاجى خەلىفە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈركىيىلىك تارىخشۇناس، ئالىم. ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. ئارمىيىگە ئەگىشىپ كاتىپلىق قىلىپ، كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشقا قاتناشقان. 30 يىلدىن كېيىن ئىستانبۇلدا دائىملىق ئولتۇراقلىشىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ <تەقۋىمۇت تەۋارىخ> (تارىخلار تەقۋىسى) دېگەن تارىخىي ئەسەرنى <دۇنيا تەزكىرىسى> دېگەن جۇغراپىيىلىك ئەسەرنى يازغان. ئۇ يەنە ئەرەب تىلىدا ئەرەب، تۈرك، پارس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىدىن 9500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئەسەرلىرى تىزىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ توملۇق كىتابلار كاتالوگىنى تۈزۈپ چىققان.