Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاسسىتلار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسوپوتامىيەنىڭ شەرقىي تاغلىق (زاگروس تېغى) رايونىدىكى قەبىلە. كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. تېرىقچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ھىندى - ياۋرۇپا مىللەتلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن بولسا كېرەك. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىككى دەريا ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى بىلەن ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 16 - ئەسىردە قەدىمكى بابىلون ھىتتلار تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، بابىلوننى ئىشغال قىلىپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 1540 يىل ئىلگىرى كاسسىت خاندانلىقىنى قۇرغان (بەزىدە <بابىلون ئۈچىنچى خاندانلىقى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پادىشاھ بۇرنا بۇرىئاش Ⅱ تەختتىكى مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى) دۆلەت راسا گۈللىنىپ، زېمىنى ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇب قىسمى ۋە زاگروس تېغى ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاسسۇرىيلار، ئېلاملارنىڭ زەربىسى بىلەن، ئاجىزلىشىشقا قاراپ مېڭىپ، تەخمىنەن مىلدىدىن 1150 يىل ئىلگىرى ھالاك بولغان. كاسسىتلار ئىككى دەريا ۋادىسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە بارا - بارا سۇمېر ۋە بابىلون مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوبۇل قىلغان. مىخ يېزىق سېغىز بەتلەردە كاسسىت تىلىدىكى ئازغىنا خەت ۋە بەزى مەخسۇس ئىسىم (ئىلاھ ئىسىملىرى)لار ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلار سېمىت تىلىغا مەنسۇپ بولماستىن، ئومۇمەن، ئېلام تىلىغا كىرگۈزۈلگەن.