Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاسساندروس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 388 - 297). ئانتىپاتېرنىڭ ئوغلى. ئىمپېراتور ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلغاندا كاسساندروسىنىڭ ئاتىسى ماكېدونىيە نائىبى بولغان. مىلادىدىن 321 يىل ئىلگىرى ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن پولسپېركوننى ئۆز ئورنىغا نائىب قىلىپ بەلگىلىگەندە، كاسساندروس نارازى بولغان. پتولېمايوس، ئانتىگونوس Ⅰ لار بىلەن بىرلىشىپ يۇناندىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، پولسپېركوننى قوغلاپ چىقىرىپ، مىلادىدىن 316 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيەنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئالېكساندرنىڭ ئانىسى ئولىمپياس، خانىكە روكسانا ۋە ئۇنىڭ نارەسىدە ئوغلى ئالېكساندرئايگۇسلارنى كەينى - كەينىدىن ئۆلتۈرگەن. ئالېكساندرنىڭ ئانا باشقا سىڭلىسى تېسسالونىكاغا ئۆيلەنگەن. ئالېكساندر (مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرى ئۆلگەن)نىڭ تەختىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تولېمايوس، سېلېۋكوس، لىسماكوسلار بىلەن بىرلىشىپ، كۈچلۈك ئانتىگونوس Ⅰ غا قارشى تۇرغان. لېكىن باشتا بۇنىڭدىن ھېچبىر نەتىجە چىقمىغان. يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مىلادىدىن 309 يىل ئىلگىرى پولسپېركوننى سېتىۋېلىپ ئالېكساندرنىڭ يەنە بىر نارەسىدە ئوغلى ھېراكلېس ۋە ئۇنىڭ ئانىسى (ئالېكساندرنىڭ خانىكىسى) بارىسنې (Barsine) لارنى ئۆلتۈرگەن. مىلادىدىن 306 يىل ئىلگىرى ئۆزىنى <ئىمپېراتور> دەپ ئېلان قىلغان. دېمېترىئۇس (ئانتىگونوس Ⅰ نىڭ ئوغلى) بىلەن بولغان يۇناندىكى ئېلىشىشتا يېڭىلگەن. مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرىكى يىلىدىكى ھەل قىلغۇچ خاراكتىرگە ئىگە ئىپسۇس (كىچىك ئاسىيا) ئۇرۇشىدا تولىمايوس قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ئانتىگونوس Ⅰ نى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈل ـ كېسىل غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. <يۇنانلاشقان> ئۈچ چوڭ دۆلەت (تولېمايوس مىسرى، سېلېۋكىيە ۋە ماكېدونىيە) نىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى ئاساسەن شەكىللىنىپ، كاساندرو ماكېدونىيە بىلەن يۇناننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ۋاقىتنچە قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئاغرىپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغلى فىلىپ ۋارىس بولغان.