Uyghurئاساسىي لۇغەت
كانساس نېبراسكا قانۇنى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ يېڭى ئېچىلغان رايونلارغا كېڭىيىشىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان قانۇنى. 1854 - يىلى 5 - ئاينىڭ 30 ـ كۈنى ماقۇللانغان. كانساس ۋە نېبراسكا شىمالىي پاراللېل نىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، <مىسسۇرى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى>نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بۇ رايون ئەركىن شتات سۈپىتىدە ئىتتىپاققا كىرىشى لازىم ئىدى. ئەمما جەنۇبتىكى قۇلدارلار بۇ رايوندا قۇللۇق تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان. كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان ئەزاسى دوگلاس قۇلدارلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە بۇ قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەىدىغانلىقى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن - قۇللۇق تۈزۈمنىڭ شىمالىي قىسىم ۋە غەربىي قىسمىغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ ئەركىنلىك پارتىيىسىنى پارچىلىغان. بۇ قانۇنغا قارشى كىشىلەر، 1854 - يىلى 7 ـ ئايدا يېڭىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە كىرگەن. بۇ قانۇن كاپىتالىزم بىلەن قۇللۇق تۈزۈم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا كانساس ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغان.