Uyghurئاساسىي لۇغەت
كانۇدوس دېھقانلار ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بولغان ئاتاقلىق دېھقانلار قوراللىق قوزغىلاڭلىرىنىڭ بىرى. برازىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ زور بىر قېتىملىق دېھقانلار ئۇرۇشى. 1896 - يىلى 11 ـ ئايدا، برازىلىيىنىڭ شەرقىدىكى بائىيە شتاتىنىڭ كانۇدوس رايونىدا پارتلىغان. رەھبىرى ماسئېل (1828 - 1897). ئۇرۇش جەريانىدا دېھقانلار قوشۇنى ئۆزلىرى زاۋۇت قۇرۇپ، ئوق - دورا، قورال - ياراق ياساپ، پاتىزانلىق تاكتىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە قوللانغان. بېسىۋالغان رايونلاردا يەر، چارۋا - مال قاتارلىق مۈلۈكلەرگە قارىتا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان. دېھقانلار قوشۇنى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلغان. 1817 - يىلى 6 ـ ئايدا ھۆكۈمت مۇنتىزىم ئارمىيىنى ئەۋەتىپ قورشاپ يوقىتىش ئېلىپ بارغاندا، دېھقانلار قوشۇنى باتۇرلارچە كۈرەش قىلغان. لېكىن كۈچ سېلىشتۇمىسىدا ئاسمان - زېمىن پەرق بولغانلىقتىن، قوزغىلاڭ ئاخىرى مەغلۇپ بولغان.