Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاككۇكگۈل
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كاككۇكگۈل ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر گۈللەرنىڭ بىرى. ئۇ كاككۇكگۈل ئائىلىسىدىكى بىر خىل كىچىك چاتقال بولۇپ، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغانلىرى، يوپۇرماق تاشلايدىغانلىرىمۇ بار. كاككۇكگۈل شىمالىي يېرىم شارنىڭ مۆتىدىل بەلۋاغدىكى ھەرقايسى جايلىرىغا تارالغان. جۇڭگودىكى كاككۈكگۈلنىڭ سورتى پۈتۈن دۇنيادىكى800 نەچچە خىل سورتى ئىچىدە600 نەچچە خىلنى ئىگىلەيدۇ.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زاماندا شۇ دۆلىتىنىڭ دۇيۈ دېگەن بىر پادىشاھى ئۆتكەن بولۇپ، پۇقرالىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى بىر كاككۇكقا ئايلىنىپ، ھەر يىلى ئەتىيازدا ئۇچۇپ كېلىپ پۇقرالارنى ئويغىتىپ «تېز، دان چېچىڭلار، تېز، دان چېچىڭلار» دەپ سايراۋېرىپ ئاغزىدىن قان چىقىپ كېتىدىكەن. تامچىلاۋاتقان تامچە - تامچە قانلار يەرگە چېچىلىپ، پۈتۈن تاغلارنى قاپلىغان كاككۇكگۈللىرىنى قىزىلغا بويىۋېتىدىكەن.
ھەقىقەتەنمۇ كاككۇكگۈل بەكمۇ چىرايلىق، نەيچىسىمان گۈلى توق قىزىل، سۇس قىزىل، قىزىلگۈل قىزىلى، سۆسۈن، ئاق قاتارلىق كۆپ خىل رەڭلەردە بولىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە كاككۇكگۈللەر ئېچىلغاندا، تاغلارنىڭ ھەممە يېرى خۇددى ئورمانلىقنى شەپەق ئورىۋالغاندەك چىرايلىقلىشىپ چاقناپ كېتىدۇ. كىشىلەر كاككۇكگۈلنى ماختىشىپ گۈللەر ئىچىدىكى شىشى (ساھىبجامال) * دېيىشىدۇ. رەڭگارەڭ ھەم كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كاككۇكگۈل كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن - گۈزەل ھېسسىياتىنى قوزغىتىدۇ، ئۇلار يەنە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مانا بۇ، مەملىكىتىمىز خەلقىنىڭ كاككۇكگۈلنى قىزغىن سۆيۈشىنىڭ چىن مەنىسى.
كاككۇكگۈلنىڭ ۋەكىل سورتى «يىڭ شەن خۇڭ» سورتى بولۇپ، دەل ئادەتتىكى ئۆستۈرۈلىدىغان چىرايلىق كاككۇكگۈلنىڭ ئۆزى شۇ. بۇ گۈل چاڭجىياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر ۋە يۈننەن، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردىكى تاغلىق ۋە ئېدىرلىقلاردىكى شالاڭ ئورمانلار ياكى چاتقاللىقلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك تارالغان. ۋارونكىسىمان گۈلىنىڭ گۈل تاج ياپراقچىسىنىڭ تەمى چۈچۈمەل بولۇپ، مېۋە ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ. لېكىن بىر نۆۋەتتە كۆپ يەۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كاككۇكگۈل كىسلاتا خاراكتېرلىك تۇپراقنى ياخشى كۆرىدۇ، كالتسىيلىق تۇپراقتا ياخشى ئۆسەلمەيدۇ، ھەتتا ئۆسمەيدۇ. شۇڭا، تۇپراقشۇناسلار دائىم كاككۇكگۈلنى كىسلاتالىق تۇپراقنىڭ كۆرسەتكۈچ زىرائىتى ئورنىدا پايدىلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ كۆپ يىللىق يېتىلدۈرۈشلىرى نەتىجسىدە كاككۇكگۈلنىڭ زور مىقداردىكى ئۆستۈرۈلىدىغان سورتلىرى مەيدانغا كەلدى. گۈلنىڭ رەڭگى تېخىمۇ كۆپ بولدى، گۈللەرنىڭ شەكلىمۇ خىلمۇخىللاشتى ھەمدە يالاڭ قات بەرگلىك ۋە قات بەرگلىك سورتلىرى بار بولدى.
جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەشھۇر تاغلىق دۆلەت نېپال كاككۇكگۈلنى دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتكەن، ئۇلارنىڭ دۆلەت گېربىدا ئېچىلىپ تۇرغان بىر قىزىل كاككۇكگۈل بار.
بىئولوگىيە
كاككۇكگۈل ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يېرىم دائىم يېشىل تۇرىدىغان ياكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. شېخى ئىنچىكە ئۇزۇن بولۇپ، پارقىراق قوڭۇررەڭ ياكى جىگەررەڭ ياپىلاق يىرىك تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، پوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، نېپىز، شەكلى ئېللىپس شەكىللىك تۇخۇمسىمان، يىرىك تۈكچىلەر ئۆستۈنكى يۈزىدە شالاڭ، ئاستىنقى يۈزىدە قويۇق بولىدۇ. 2 - 6 دانە گۈلى شاخ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈل كاسىسى بەشكە چوڭقۇر يېرىلىدۇ، زىچ ئۆسكەن يىرىك تۈك ۋە كىرپىك تۈكچىلەر بولىدۇ، گۈلتاجى ئەتىرگۈل رەڭ ئوچۇق قىزىل ياكى قىزىل، كەڭ ۋارونكىسىمان، بەشكە يېرىلىغان، يېرىق ياپراقچىلاردا قېنىق قىزىل داغلار بولىدۇ. غوزا مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، زىچ ئۆسكەن يىرىك تۈكچىلەر بولىدۇ. چاڭجياڭ ۋادىسىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە كەڭ تارقىلىدۇ. شەرقتىن تەيۋەن، غەربتىن سىچۈەندىن يۈننەنگىچە بولىدۇ، يۇمىلاق تۆپىلىكتىكى شالاڭ ئۆسكەن چاتقاللىقتا توپلىشىپ ئۆسىدۇ. ئۇ بىرخىل كۆركەم ۋە دائىم ئۇچرايدىغان مەنزىرە ئۆسۈملۈكى. شۇنداقلا كىسلاتالىق تۇپراقنىڭ كۆرسەتكۈچ ئۆسۈملۈكى. بۇ ئۇرۇقداشتا تەخمىنەن 800 تۈر بار، ئۇلار شىمالىي مۆتىدىل بەلباغقا تارقالغان بولۇپ، جۇڭگودا تەخمىنەن 650 تۈرى بار، شىنجاڭدىن باشقا ئۆلكىلەرگە تارقىلىدۇ، غەربىي جەنۇب بىلەن غەربىي قىسىمدا ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەلگە داڭلىق نۇرغۇن تۈرلىرى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كاككۇك + گۈل
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
كاككۇكگۈل ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان ياكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى ئېللىپش شەكلىدە، گۈلى كۆپىنچە قىزىل بولىدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
مامكاپ گۈلنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى.