Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كابوش قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
卡波士起义
kǎ bō shì qǐ yì
پارىژ خەلقىنىڭ ⅤⅩ ئەسىردىكى فېئوداللىققا قارشى قوزغىلىڭى. رەھبىرىي سىمون كابوش (تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىلى ئېنىق ئەمەس) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. يۈز يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە (1337 - 1453) فرانسىيىدە ئالۋان - سېلىق ھەددىدىن تاشقىرى ئېغىرلىشپ، فېئوداللىق ئىچكى نىزالار توختىمىغانلىقتىن (ئامانياكچىلار گۇرۇھىغا قارالسۇن)، خەلق جان باقالماسلىق دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغان. 1413 - يىلى 4 - ئايدا قوزغىلاڭ پارتلىغان. قوزغىلاڭچىلار (ئاساسلىقى قول ھۈنەرۋەنلەر، ئۇششاق ئېلىپساتارلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى) خان ئوردىسىنى قورشىۋېلىپ، پادىشاھنىڭ ئىتىۋارلىق ۋەزىرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، پارىژنى تىزگىنلىگەن. 5 - ئايدا ھۆكۈمەت <كابۇش پەرمانى>نى ئېلان قىلىپ، مالىيە، مەمۇرىيەت ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە بەرگەن. كېيىن ئامانياكچىلار گۇرۇھى ىلەن بۇرگۇندىچىلار گورۇھى مۇرەسسەلىشىپ، 8 - ئايدا قوزغىلاڭنى بىرلىشپ باستۇرغان. 9 - ئايدا <كابۇش پەرمانى> بىكار قىلىنغان.