Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كابول كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
喀布尔协定
kā bù ěr xié dìng
ھىندىستان بىلەن ئافغانىستان ئىمزالىغان چېگرا كېلىشىمى. 1893 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كابولدا ئىمزالانغان. ئەنگلىيە روسىيەنىڭ ھىندىستانغا ئىلگىرلىشىنى توسۇش ۋە ئافغانىستاننى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئافغانىستان پادىشاھى كابۇل راخماننى ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستان ھۆكۈمتى بىلەن مەجبۇرىي ئىمزالاتقان كېلىشىم. ئىمزا قويۇشقا دىپلوماتىيە كاتىپى دۇراند (1850 - 1924) ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، دۇراند كېلىشىمى، قوشۇمچە قىلىنغان خەرىتىدە كۆرسىتلگەن چېگرا سىزىقى دۇراند سىزىقى دەپمۇ ئاتالغان. كېلىشىم جەمئىي يەتتە ماددىلىق بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى: ۋاخان كارىدورىدىن پېرسىيە چېگرىسىغىچە بولغان ئافغانىستان زېمىنىنىڭ شەرقىي قىسمى، جەنۇبىي قىسمى بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا سىزىقىدا، ئەنگلىيە تەرەپ تەمىنلىگەن خەرىتە ئاساس قىلىنىدۇ؛ ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ ئاسمالدىن جانناكقىچە بولغان جىلغنى ساقلاپ قېلىشىغا قوشۇلىدۇ، ئافغانىستان سىفات، باجال، چىترال قاتارلىق جايلارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە قوشۇلىدۇ. قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. دۇراند سىزىقى بۇ رايوندا ئولتۇراقلاشقان پۇشتۇن مىللىتىنى ئىككى دۆلەتكە بۆلۈۋېتىپ، كېيىنكى كۈنلەردىكى <پۇشتۇنىستان مەسىلىسى> نى پەيدا قىلغان.