Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
记忆的准确性
پسىخولوگىيە
خاتىرىنىڭ توغرىلىقى
بۇ خاتىرىنىڭ مۇھىم پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خاتىرىنىڭ مەزمۇنى بۇرمىلانمىغان، چۈشۈپ قالمىغان، قوشۇمچە قوشۇلمىغان، دەل ئەسلى مەزمۇن بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ، خاتىرىنىڭ بۇنداق پەزىلىتى بەك مۇھىم، چۈنكى خاتىرە ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى يوقاتسا، خاتىرىنىڭ باشقا پەزىلەتلىرىنىڭ ئانچە قىممىتى قالمايدۇ. كىشىلەر تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە سادىر قىلىدىغان خاتالىقلارنىڭ تولىسى ناتوغرا خاتىرە تۇپەيلىدىن بولىدۇ. خاتىرىنىڭ توغرىلىقىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن(1) ئەستە قالدۇرۇش ۋاقتىدا ئەستايىدىللىق بىلەن چوڭ مېڭە پوستلىقىدا توغرا ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. (2)مۇشۇ خىلدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالنى پۇختا سېلىشتۇرۇش بىلەن چوڭ مېڭە پوستلىقىدا زۆرۈر دېففېرېنسىيىلىك تورمۇزلاشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئارىلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.(3) توغرا ئەستە قالدۇرۇلىدىغان نەرسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان خاتىرىلەرنى پەرقلەندۇرۇش كېرەك. ئاڭلىغان - كۆرگەنلىرىنى ئۆزى پەرەز قىلغانلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. مۇنداق تەنقىدىي پوزىتسىيىدە بولۇش خاتىرىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم شەرت.