Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
记忆的特久性
پسىخولوگىيە
خاتىرىنىڭ مۇستەھكەملىكى
يەنى خاتىرىنىڭ ئۇزاق ساقلىنىش دەرىجىسى. بۇ خاتىرىنىڭ بىر خىل مۇھىم پەزىلىتى بولۇپ، ئەستە قالدۇرۇلغان ماتېرىيالنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزاقلىقىغا قارىتىلغان. خاتىرىنىڭ ئۇزاق ساقلىنىشى ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشىنىڭ كۇچىگە باغلىق. خاتىرىنىڭ بۇ خىل پەزىلىتى ھەممىلا كىشىدە ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ ئەستە قالدۇرۇشىمۇ تېز، ئۇنتۇشىمۇ تېز بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئەستە قالدۇرۇشىمۇ ئاستا، ئۇنتۇشىمۇ ئاستا بولىدۇ. ئەستە قېلىشنىڭ تېز، ئۇنتۇشنىڭ ئاستا بولۇشى خاتىرىنىڭ ياخشى پەزىلىتى. خاتىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۈنۈملۈك شەرتى - تەكرارلاش، ئەستە قالدۇرۇلغان ماتېرىيال مۇۋاپىق ۋاقتىدا ئوبدان تەكرارلاپ تۇرۇلۇشى لازىم.