Uyghurئاساسىي لۇغەت
جەزىرە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: جەزائىر. ئارا، جۇغراپىيىلىك جاي نامى:
جاڭگال:
1. ئالىپ يۈردى دەريا جەزىرە سارى،
بەناگاھ چىقىپ مەن قىراقدىن نارى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. ھەم تەنۇمەندۇ ھەم شۇجائۇ دەلىرى،
ئول سىفەتكىم جەزىرە ئىچرەكى شىر.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چۆل، ئارال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ يوق، ئىقلىم قۇرۇق، ئۆسۈملۈك ئاز، قۇم ۋە ياكى شېغىل بىلەن تولغان يەر.
بىرى چۆل، بىرى گۈل. چۆلگە يامغۇر ياخشى، يومدانغا چامغۇر. دەشت _ باياۋاندا ئۇسسۇز قالمىغان سۇنىڭ قەدىرىنى بىلمەس. جەزىرىدە جەرەن تۇت. گوبىدا گىياھ يوق. پايدىسى يوق بايدىن سۈيى يوق ساي ياخشى. دالىدا ئۆسكەن مەھەللىگە كۆنمەس. سەھرانىڭ بېگى بولغۇچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول. قۇملۇقتىن ئۆتەلىگەن قۇمدىن قورقمايدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاشيول ياسالدى. يازىدا بۆرە ئۆلسە، ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. ئارال.
ئۈچىنچى كۈنى دېڭىز تەرەپتىن ئاداشقان بىر كېمە بۇلار تۇرغان جەزىرىگە كېلىپ قاپتۇ.
چۆل، باياۋان، دەست؛ ساي.
ھازىر ئۇ شەھەر يولىدا ئەمەس، بەلكى قاراقۇم بىلەن قاراتاغ چېگرىسىدىكى <يۇلغۇنلۇق> دەپ ئاتىلىدىغان جەزىرىدە ئىدى.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.