Uyghurئاساسىي لۇغەت
جەز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسم
1. سېرىق مىس.
2. ئوق قېپى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قىمارۋازلارغا تاۋكا قۇرۇپ، پۇل قەرز بېرىپ، ئۇلارنى قىمارغا سېلىش ۋە ئۇلاردىن تېگىشلىك چوتار ئېلىش ئىشى.
جەزخور، جەزخورلۇق.* جەز قىلماق.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
خىرىس؛ دوغىلار خەۋەر يتكۈزۈپ چالىدىغان مېتال ئەسۋاب. مەسىلەن: يىلان جەز قىلدى _ يىلان خىرىس قىلدى.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
سېرىق مىس؛ ئوق قېپى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
گىئولوگىيە
تەركىبىدە 50% پولات ۋە باشقا ئېلېمېنتلار ئارىلاشقان مىسقا ئوخشاش سېرىق مېتال. ئۇنى ئوق قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىمار ئوينىغۇچىلارغا قەرزگە پۇل بېرىپ، ئۇلارنى قىمارغا سېلىش ۋە ئۇلاردىن تېگىشلىك چوتىرىنى ئېلىش ئىشى.
ئۇ گەرچە قىمارۋاز بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىز جەزگە قىمار ئوينىمايتتى.