Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاڭ شىن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئىسلام تارىخچىسى. تەخەللۇسى جىنزى. شەندۇڭ يېشەنلىك. خۇيزۇ. 1160 - يىلىدىن 1644 - يىلىغىچە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىدى. بۇ كىشى ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئىسلام تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، <ئىسلام دىنىغا دائىر يادىكارلىقلار> ناملىق كىتاب يېزىپ، ئىسلام دىنىنىڭ بارلىققا كېلىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، نامازنىڭ ئەھمىيىتى، مەدرىسە قاتارلىقلارنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ تەكتى ئالەم تەلىماتى بىەن ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىي زات تەلىماتى ھەققىدە <ئەرھەت> ۋە <تەكتى شەيئىي> تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېيىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىسلام دىنىغا دائىر ئەسەرلەرگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بەزى شېئىرىي ئەسەرلەرنىمۇ يازدى.