Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاڭ شياۋشەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇددەرىس. شەنشى لىڭتۇڭلىق. خۇيزۇ. كىچىك ۋاقتىدا نىڭشانىڭ تۇڭشىن شەھىرىدە فېن بەييەن، فېن شياۋچۇەننى ئۇستاز تۇتتى. نەنجىن جىڭجۇسى مەسچىتىدە مۇددەرسلىك قىلغاندا، چوڭ شۆھرەت قازاندى. <زەۋئۇل مىسباھ>، <موللا>، <بەيان>، <ناھۇمنامە>، <فىقھە> قاتارلىق كىتابلارنى پۇختا سۆزلەپ بېرىپ، مەدرىسە تەربىيىسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭدا تەربىيىلەنگەن جاڭ جۇڭ، ماجۇنشى، چاڭ زىمېي، لى يەنلىن، يۈەن شىڭزى قاتارلىق كىشىلەر نەنجىن، جىنىڭ، كەيفېڭ، جىڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولدى.