Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاسارەتلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باتۇر - قەھرىماننىڭ ئىش - پائالىيىتى، خىسلىتى.
ئۆلۈمگىمۇ باتۇرلۇق كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن ئۆلگەن يىگىتىكە ئانىسى يىغلىماس قەھرىمانلىق بىلەكتە ئەمەس، يۈرەكتە. قەيسەرلىك بەخىتكە باشلايدۇ. تەقدىرمۇ قەيسەرلىكنى قوللايدۇ. مەردلىك _ مەرھەمەتلىك ئىش. جەسۇرلۇق ئۇلۇغ خىسلەت. جەسۇرلۇق زوراۋانلىقنى يېڭەر. ئەقىللىقنىڭ جاسارەتلىك بولۇشى ناتايىن. ئىشنى غەيۇرلۇق بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قورقمايدىغان، پەرۋا قىلمايدىغان ھالەت.
جۈرئەتلىك بولساڭ، مۇرادقا يېتىسەن. جاسارەتلىك باش يېرىلماس. شىجائەتلىك يىگىت ئۆزىنى خار قىلماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
جاسارىتى بار، جاسارەتكە ئىگە، جۈرئەتلىك، باتۇر.
جاسارەتلىك ئادەم.