Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاساق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
چەك، چەكلەنگەن، مەنئىي قىلىنغان؛ سىياسەت؛ بىرەر يۇرتنى بىر كىشىنىڭ نامىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەك. مەسىلەن، مەكتەپتە تاماكا چېكىش جاساقتۇر؛ پالانچى جاي پالانچى پادىشاھغا جاساقتۇر، دېگەندەك.
شىۋىلەر
خانلىق تەرىپىدىن يەرلىك تارخان بەگ (ۋاڭ - گۇڭ ) لەرگە بالىسىدىن بالىسىغا سوراپ يېيىش ئۈچۈن سويۇرغال قىلىپ بېرىلگەن يەر ۋە پۇقرا؛ تەۋەلىك. مەسىلەن: بۇ مېنىڭ جاسىغىمدىكى يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ۋاڭلىق تۈزۈمىدە خانلىق تەرىپىدىن يەرلىك ۋاڭ - گۇڭلارغا، بالىسىدىن بالىسىغا باقىمەندە قىلىپ بېرىلگەن يەر ۋە پۇقرا؛ تەۋەلىك