Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
جانلىقلار مۇھىتى
بىئولوگىيە
生境
shēngjìng
جانلىقلار تۇرىدىغان تەبىئىي مۇھىت. باشقىچە ئېيتقاندا جانلىقلار يەككە تېنى، تۈر توپى ياكى تۈركۈمى ھايات كەچۈرىدىغان ئورۇننىڭ تەبىئىي مۇھىتى. جانلىقلار مۇھىتى جانلىقلارنىىڭ ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شارائىت ۋە باشقا ئېكولوگىيىلىك ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، ئوكسىگېن، كاربون (Ⅳ)- ئوكسىدى. يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ ۋە نىئورگانىك تۈزلار يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ياشاش شارائىتى، ئەگەر بۇنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرىسى بولمىسا يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ياشىيالمايدۇل شامال، ھاۋادىكى پاسكىنا ماددىلار، چاقماق قاتارلىقلارنىڭ گەرچە ئۆسۈملۈكلەرگە تەسىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر ئەمەس. شۇڭا ئۇلار پەقەت ئېكولوگىيىلىك ئامىل بولىدۇ، ياشاش شارائىتىمۇ بولمايدۇ.