Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
جانلىقلار كلاسسىفىكاتسىيىسى دەرىجىسى
بىئولوگىيە
生物分类的等级
shēngwùfēnlèideděngjí
جانلىقلارنى كلاسسىفىكاتسىيلەشتە تۈرلەر بىرلىك قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتنى ئۆز ئارا يېقىن كېلىدىغان تۈرلەر بىر ئۇرۇقداش (Genus)، بىرقانچە يېقىن كېلىدىغان ئۇرۇقداشلار بىر ئائىلە(Family)، ئوخشاش ئائىلىدىكىلەر تەرتىپ بويىچە ئەترەت(order)، سىنىپ(class)، تىپ(phylum) ۋە دۇنيا (Kingdom) غا بۆلۈنىدۇ شۇنداق قىلىپ جانلىقلار دۇنيا، تىپ، سىنىپ، ئەترەت، ئائىلە ئۇرۇقداش ۋە تۈر قاتارلىق يەتتە ئاساسىي دەرىجىگە (ياكى دەرىجە بىرلىكىگە) بۆلۈنىدۇ. بەزىدە، تۈرنىڭ كلاسسىفىكاتسىيە ئورنىنى تېخىمۇ توغرا ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يۇقىرىدكى بۆلۈنىشلىك درىجىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەنە بەزى دەرىجىلەر قوشۇلىدۇ. قوشۇلغان دەرىجىنىڭ نامى ئەسلىدىكى دەرىجىنىڭ ئالدى ياكى كەينىگە باش (Super) ياكى كەنچى (Sub) نى قوشۇش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن، باش سىنىپ (Super, lass)، كەنجى سىنىپ (Subclass)، باش ئەترەت (Superorder)، كەنچى ئەترەت (Suborder) قاتارلىقلار تۈردىن تۆۋەنلەردىمۇ كەنجى تۈر، ئۆزگەرگەن تۈر قاتارلىقلار بولىدۇ. مەلۇم بولغان ھەر قانداق بىر خىل جانلىق شۆبىھسىز ھالدا مۇشۇ دەرىجىلەرگە چۈشىدۇ.