Uyghurئاساسىي لۇغەت
جانلانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
جانلىق تۈسكە كىرمەك، ياشنىماق.
ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيقۇدا ياتقان يەر - زېمىنمۇ باشقىچە جانلىنىپ كەتتى.
تېتىكلەشمەك، روھلانماق، جۇشقۇنلاشماق.
نۇردۇن ھاكىم بىردىنلا جانلاندى.
ئاۋاتلاشماق، قىزىماق.
بۈگۈن دەرىستىن سىرتقى كۇرۇژوكنىڭ پائالىيىتى بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتكەنىدى.
روناق تاپماق، راۋاجلانماق، يۈكسەلمەك، ئالغا باسماق.
بۇ تاغلىق يېزىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى.
كۆچمە. قايتا كۆرۈنمەك، گەۋدىلەنمەك.
ئەنۋەرنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بېرىقى كۆرگەن - بىلگەن ئەھۋاللىرى كۆز ئالدىدا جانلىنىپ، قەغەز بېتىگە مارجاندەك تىزىلىشقا باشلىدى.