Uyghurئاساسىي لۇغەت
جان كۈندە چېچەكلەمدۇ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ئادەم مەڭگۈ ئۆمۈر كۆرمەيدۇ، ھامان بىر كۈنى ئۆلىدۇ، شۇڭا ھەر كىم ئۆزىنى ئوبدان ئاسراش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ: - ئەمدى تاش كۆلاشنى قوي، مەن ساڭا سودا - سېتىقنى ئۆگىتەي. كونىلار «جان كۈندە چېچەكلەمدۇ» دېگەندەك، جاننى ئۇپراتماي ياشايدىغاننىڭ يولىنى قىلساڭ قانداق؟ - دېدى ئۇ ئابدۇللاغا.