Uyghurئاساسىي لۇغەت
جان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياشاش يولى، ھايات ھالى، ھاياتلىقنىڭ پۈتۈن جەريانى.
تۇرمۇش بىر جەڭ. ئويلاشمىغان تۇرمۇشنىڭ قەدىرى بولماس. تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن مەنىسى بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىش ئۈچۈن ھارماي _ تالماي ئىزدىنىشتە ئىپادىلىنىدۇ. ھاياتتا ھەممىنىڭ ئۆلچىمى بار. ھايات قارىغۇنىڭمۇ كۆزىنى ئاچار. ھايات ھەممىنى ئۆگىتەر، ئۆگەنمىسەڭ تۈگىتەر. ئىللىقلىق بىلەن تولسۇن روزىغارىڭ، قوپاللىق بۇزمىغاي سەبرۇقارارىڭ. مەئىشەت مول بولسا، خاتىرجەملىك بولىدۇ. تىرىكچىلىكتە تۈز يول يوق. تىرىكچىلىكنىڭ بەرىكىتى خوتۇن بىلەن. ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما. جان باقماق _ پەرز. جېنىڭنى جان ئەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنى ھەرىكەتلەندۇرىدىغان، ھەرىكەتتىكى جىسىمنى توختىتىدىغان ياكى جىسىمنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىدىغان قابىلىيەت، رول، ئۈنۈم.
«كۈچ، قۇۋۋەت، قۇدرەت، جان» ئەڭ ئومۇمىي، ئادەم، ھايۋان ۋە ھەممە شەيئىدە بولىدۇ.
«چاما، مادار، ماغدۇر، ماجال، ھال، دەرما
بىلىم - كۈچ. كۈچ - ئۆملۈكتە. كۈچ - قۇدرەتمۇ ئەقىلغە يول بېرەر. بۇ تاماكىنىڭ كۈچى يوق ئىكەن. ئات كۈچى؛ ئەمگەك كۈچى. ئادەمنىڭ قۇۋۋىتى بىلەكتە، ھايۋاننىڭ تۇياقتا. بىلمەسلكتە بار ئىدى خۇش قۇۋۋىتىم، بىلگىنمدە قالمىدى ھېچ قۇۋۋىتىم. خۇلقى يامانلارغا بەرمە زەررە قۇدرەت، يامانلىقلىرىغا بەرمە كۈچ - قۇۋۋەت. چامىسىغا قاراپ چانىسى. تاماق - تەننىڭ مادارى. ماغدۇرۇم باردا يوق، ماغدۇرۇم كەتكەندە تەييار. قايسى تەرەپكە كەتتى خىيالىڭ، گەر قىلساڭ پەرۋاز، يېتەر ماجالىڭ. ھالى يەتمىگەن خۇداغا يېلىنار. دەرد بار، دەرمان يوق. سۆلى يوقنىڭ كۈنى تەس. قورساقتا نان بولسا، بىلەكتە جان بولىدۇ. جېنى يوق ئېشەك، بىر پارچە خام كېسەك. ئاق نان تېپىشقا قۇربى بار ئىنسان كېپەك ئارقىسىدىن چاپماس ھېچقاچان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىرلەش، سۆزلەرش، ئەسۋاب - سايمان ياساپ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھايۋانات.
«كىشى» ئومۇمىي ۋە كەڭ قوللىنىلىدۇ. كۆپىنچە «ئەر» مەنىسىنى بېرىدۇ «ئايال، بالا» ئايرىم ھالدا «كىشى» دېيىلمەيدۇ.
«ئادەم» ئاقىل ۋە بالىغ بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«ئىنسان» جىد
كىشى ئەڭ ئۇلۇغ، ئۇ ئازاد، ئەركىن بولۇش كېرەك. كىشى بىلمىسۇن دېسەڭ، قىلما. ئادەم ئەلەيھىسسالام. دانىشمەن بولۇشتىن ئادەم بولۇش تەس. ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن. ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. زەنجىرنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى ئىنسان، ئۇ - ئاچقۇچ، قۇلۇپنى ئاچىدۇ ئاسان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز: پەقەت ئادەم ئۈچۈنلا قوللىنىلىدۇ.
يېزىمىزغا تۆت نەپەر كادىر كەلدى. ئۆيىمىزدە بەش جان بار.
بىئولوگىيە
<قۇرئان كەرىم> دىكى روھنىڭ مۇھىم مەنىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنى ئاللا ياراتقان. ئىنسان تېنىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولالايدىغان <نېپىز، ئىنتايىن كىچىك جىسىم> نىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ تېنىدە تۇرسا، ئىنساندا ھاياتلىق بولىدۇ. ئۇ تەندىن جۇدا بولسا، ئىنسان ئۇخلاپ قالىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىدۇ. جان تەندىن جۇدا بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدا ھېس قىلىش، بىلىش سەزگۈسى بولىدۇ. جان مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ. ئىنسان ئويغىنىشتىن ئىلگىرى ياكى قىيامەت كۈنى جان ئىنسان تېنىگە يېنىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇتەكەللىمۇنلارنىڭ قارىشىچە، ئاللا ئىنساننى لايدىن ياراتقاندىن كېيىن لايغا پۈلەپ جان كىرگۈزگەن. ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسىدە جان بولىدۇ. جان قىيامەت كۈنىدىكى سوراق توغرىسىدىكى ئەقىدە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئىلمىي تەۋھىد ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇلۇپمۇ ئارىستوتېلنىڭ <نوئۇس قارشى> ۋە يېڭى ئەپلاتون ئىلمىي ئېقىمىنىڭ <ئېقىپ تېشىش> تەلىماتى ئەرەب دۇنياسىغا كىرگەندىن كېيىن، جان توغرىسىدىكى نەزەرىيە تەرەققىي قىلدى. جان توغرىسىدىكى قاراش جەھەتتە ھەق - ناھەقنى ئايرىش تەرەپدارلىرى بولغان مۇتەكەللىمۇنلار، تەسەۋۋۇپلار، ۋاپادار قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى، ئىلمىي كالام تەرەپدارلىرى ئۆزىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىغا ئىگە بولدى. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ قارىشىچە، روھنىڭ پاكلىنىشى ئاللا بىلەن قوشۇلۇپ كېتىشنىڭ بىردىنبىر يولى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ قويۇق ئەخلاق تۈسىگە ئىگە.
پسىخولوگىيە
بۇ دىنىي تەسەۋۋۇرلار ۋە ئىدىئالىستىك پەلسەپىلەردە ئۇچرايدىغان، جانلىقلارنىڭ تېنى ئۆلسىمۇ، لېكىن تەندىن ئايرىلغان ھالدا ئەبەدىي ياشايدىغان غەيرىي تەبىئىي (ئىلاھى) ئامىل. بۇنى بىز تۇرمۇشتا ھاياتلىق، ئاڭ، روھ، ئىدىيە، ئادەم، كىشى (جان سانىغا قاراپ)، كۈچ - قۇۋۋەت، ئامراقلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل مەنىلەردە ئىشلىتىمىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىننىي چۈشەنچىلەرگە كۆرە، ئىنسان ۋە ھايۋان ياشىغاندا ساقلىنىدىغان، ئۆلگەندىن كېيىن ۋۇجۇدىدىن ئايرىلىدىغان ماددىي، غەيرىي تەبىئىي ئامىل.
جان بار يەردە قازا بار (ماقال).
ئىنساننىڭ بارلىقى، بەدىنى، تېنى.
قان ئاغرىتقان دوست ئەمەس (ماقال).
ھايات.
جاننى پىدا قىلماق. جان تىكمەك.
ئائىلىنىڭ ھەربىر ئەزاسى؛ كىشى، ئادەم.
بىزنىڭ ئۆيدە بەش جان بار.
كۆچمە. كۈچ، قۇۋۋەت، مادار، ماغدۇر.
قورساقتا نان بولسا، بىلەكتە جان بولۇر (ماقال).
كۆچمە. كىشى ۋە نەرسىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنى ۋە جاندىن ئەزىر كۆرىدىغىنى.
سودىگەر دېگەن پۇلنى جان بىلىدۇ.
كۆچمە. بىرەر ئىش، نەرسە ياكى ساھەنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسى قىسمى؛ ئاساسىي، نېگىزى، ئۇلى.
سۇ قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى.
مۇراجىئەت قىلغۇچىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىمنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئىنتايىن يېقىنلىق، مېھرىبانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
- نېمە ئىش بۇ، خۇشال - خۇرام كۈنلەردە جېنىم بالام، - دېدى ئەزىمەت قىزى گۈلشەنگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
كىشى ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ، ئەركىلىتىش، يېقىنلىقنى بىلدۈرىدۇ.
ئادىلجان. ئەخمەتجان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
جان، ھاياتلىق، كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
جان، ھاياتلىق، كىشى.