Uyghurئاساسىي لۇغەت
جامېس
دۇنيا تارىخى
(1) ۋىليام جامېس (1842 - 1910)، ئامېرىكىلىق ئىدېئالىست پەيلاسوپ ۋە پسىخولوگ، سۇيىئىستېمالچىلىق تەرەپدارى، فۇنكسىيە پسىخولوگىيىسىنىڭ ئاساسچىسى. نيۇ - يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپادا تۇرغان. 1861 - يىلى خارۋارد داشۆسىنىڭ تىببىي ئىنستىتۇتىغا كىرگەن. 1865-يىلى ئوقۇشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇپ، <ئامازون دەرياسىنى ئىلمىي كېزىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى> گە قاتناشقان. كېيىن مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە 1869-يىلى پۈتتۈرگەن. 1872 - يىلى خارۋارد داشۆسىنىڭ فىزىئولوگىيە لېكتورى بولغان. 1881 - 1907 - يىللاردا پەلسەپە ۋە پسىخولوگىيە پروفېسسورى بولغان. ئامېرىكىدىكى تۇنجى پسىخولوگىيە تەجرىبىخاىسىنى بەرپا قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا دىننى قوغداشنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلىپ، <ئېتىقاد ئىرادىسى> نى تەرغىپ قىلغان. يەنە <ئۈزۈل - كېسىل تەجرىبىچىلىك نەزەرىيىسى> نى بەرپا قىلىپ، <ساپ تەجرىبە> ياكى سۇبيېكتىپ تەجرىبىدىن باشقا ھەر قانداق ئەمەلىي نەرسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى <پايدىسى بولغان>، <ئوڭايلىق تۇغدۇرغان> ئۈنۈمدىن ئىبارەت، دەپ قارىغان. بەدەن ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كەيپىيات نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىرىشچان ئاڭ ئېقىمى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىرادىچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە پەنگە قارشى <جىن - شەيتانلار تەتقىقاتى> نى قوللىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ئېتىقاتنىڭ ئىرادىسى>، <پسىخولوگىيە قائىدىلىرى>، <سۇيىئىستېمالچىلىق>، <ھەقىقەتنىڭ مەزمۇنى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (2) ھېنرى جامېس (1843 - 1916)، ئامېرىكىلىق يازغۇچى. ۋىليام جامېسنىڭ ئۇكىسى. نيۇ - يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1862-يىلى خارۋارد داشۆسىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان. تەخمىنەن 1864-يىلى يېزىچقىلىقنى باشلىغان. ياۋروپادا كۆپ قېتىم ساياھەت قىلغان. ئەسەرلىرىنى كۆپىنچە <ئاتلانتا ئايلىق ژۇرنىلى> دا ئېلان قىلغان. 1876-يىلى لوندوندا ئولتۇراقلاشقان، ئۆمۈر بويى تۇرمۇش قۇرمىغان. 1915-يىلى ئەنگلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن. ياۋروپا مەدەنىيىتىگە چوقۇنغان، ئەسەرلىرىدە رىيالىستىك تۈس بولۇپ، مۇھىت، ۋەقەلىك ۋە پىرسوناژلارنىڭ پسىخولوگىيىسىنى ئورگانىك ھالدا بىر گەۋدە قىلىپ قوشۇۋېتەلىگەن، ئەمما شەكلىنى قوغلاشقان. ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ياۋروپا ئاقسۆڭەكلىرى، بۇرژۇئازىيىسىنى تەسۋىرلىگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى سېلىشتۇرغان. ئاڭ ئېقىمى ھىكايىلىرىغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ئېسىلزادە خېنىنىڭ رەسمى>، <كەپتەر قانىتى>، <ئەلچىلەر>، <ئالتۇن تاۋا> قاتارلىق رومانلار، <فرانسىيە شائىرلىرى ۋە يازغۇچىلىرى>، <ھوساڭ توغرىسىدا قاتارلىق ئەدەبىي ئوبزور قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
دۇنيا تارىخى
(1566 - 1625)، شۇتلاندىيە كورۇلى (1567 - 1625) ۋە ئەنگلىيە كورۇلى (1603 - 1625) ئانىسى شوتلاندىيىنىڭ كورۇلىۋاسى مار ستۇئارت. 1567-يىلى ئانىسى تەختتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، شوتلاندىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ئولتۇرپ، جامېس Ⅵ دەپ ئاتالغان. 1603 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى ئېلىزابىتا Ⅰ ئۆلۈپ، تەختە ۋارىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندا، ئۇ ئەنگلىيە كورۇللۇق تەختىگە قوشۇمچە ۋارىسلىق قىلىپ، جامېس Ⅰ دەپ ئاتالغان. شۇنىڭ بىلەن ستۇئارت سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. ئەنگلىيە بىلەن شوتلاندىيە گەرچە بىر كۇرۇلغا قارىسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي تۈردە قوشۇلۇپ كەتمىگەن. مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، خۇدا ھەققىدە سۆز - چۆچەك قىلىش خۇداغا بىھۈرمەتلىك قىلغانلىق بولىدۇ، كورۇل ئۈستىدە سۆز - چۆچەك قىىلش ئاسىيىلىق قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ جاكارلاپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بىلەن پارلامېنتنىڭ ئۈستىگە قويغان؛ ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوغداپ، پۇرىتانىستلار (كالۋىن دىنىنىڭ مۇتىلىرى) غا زىيانكەشلىك قىلغان؛ مالىيە قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پارلامېنتتن ئۆتكۈزمەيلا بىۋاسىتە يېڭى باج ئېلىپ، چېگرا بېجىنى ئۆستۈرگەن ھەمدە مەجبۇرىي ھالدا زايوم تارقاتقان. سىرتقا قارىتا، 1604-يىلى ئەنگلىيىنىڭ كۈچلۈك دۈشمىنى ئىسپانىيە بىلەن سۈلھ قىلىشقان. شۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بولغان زىددىيەتنى كەسلىنلەشتۈرۈپ، ئەنگلىيە برژۇئا ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىنى تېىزلەشتۈرگەن.
دۇنيا تارىخى
(1633 - 1701)، ئەنگلىيە كورۇلى (1985 - 1688). چارلېس Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى يورك كىنەزى بولغان. ئەنگلىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە، 1646-يىلى قوشۇنىنى باشلاپ پارلامېنتقا تەسلىم بولغان. 1648-يىلى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا قېچىپ بېرىپ، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە ئارمىيىلىرىدە ھەربىي خىزمەت قىلغان، 1660-يىلى تىرىلىشتىن كېيىن ئەنگلىيىگە قايتىپ بارغان. 1668-يىلى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان نەتىجىدە ۋىگ پارتىيىسى بىلەن تورى پارتىيىسىنىڭ ئۇنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىدىكى تالاش - تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1685-يىلى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، كاتولىك چېركاۋىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى كۈچىنىڭ بارىچە يولغا قويۇپ، مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. 1688-يىلىدىكى >شانلىق ئىنقىلاب< تىن كېيىن فرانسىيىگە قېچىپ كېتىپ، پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۈيئوغلى ۋىليام ئورانگې بىلەن قىزى مارى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.