Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاھىز
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى. بەسرەلىك. باغداد ۋە سەمەررادا ئۇزۇن تۇرۇپ، بەسرەدە ۋاپات بولدى. نەززامنىڭ شاگىرتى، تىلغا باي يازغۇچى ۋە تەبىئىي پەن ئالىمى. ھەقىقىي ئالىم دىئالېكىتىكا ئىلمىنى ۋە تەبىئىي پەنلەرنىمۇ بىلىش كېرەك، دەپ قارىدى. <ئىنسان ئىدراكتىن پايدىلىنىپ ياراتقۇچى ئىگىسىنى تونۇيالايدۇ>، <ئىنساننىڭ قىممىتى پۈتۈنلەي ئىرادە ئەركىنلىكىدە بولىدۇ>، ئىنسان ئۆز ھەرىكىتىنى تەبىئىي ھالدا، ئىرادە ئەركىنلىكى بىلەن ئورۇندايدۇ. لېكىن ئىنسان ئىگە بولغان بىلىم مۇقەررەر تۇغما بولىد، دەپ تەشەببۇس قىلدى. <ئۇ مادارا يولى> دىن ئىبارەت ئەخلاق غايىسىنى تەشەببۇس قىلدى. نۇرغۇن ئەسەرلەر يازدى. <كىتاب ئەل ھەيەۋان> (ھايۋانلار توغرىسىدىكى كىتاب) ئە مەشھۇر ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.