Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاھىم بىننى سەفۋان
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جەبرىيەچى مۇتەكەللىمۇن. بەلخ (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بالك ) تا دۇنياغا كەلگەن. ئەسلىي ئازاد قىلىنغان قۇل ئىدى. 733 - يىلى خۇراساندا ۋالىنىڭ كاتىپى بولغان. كېيىن ئۇمەييە سۇلالىسىغا قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ، كاللىسى كېسىلگىچە كۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ قەدەرىيەلەرنىڭ كۆز قارىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىنساندا ئىرادە ئەركىنلىكى بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئىنساننىڭ ھەممە ھەرىكىتى ئاللا ئىرادىسىنىڭ ئىنسان پېشانىسىگە پۈتكىنى ۋە جارى قىلدۇرغىنىدىن ئىبارەت، دەپ قارىدى. ئاللانىڭ جىمى مەۋجۇداتنى ياراتقۇچى، شەيئىلەرگە مەۋجۇت بولۇش، ھەرىكەت قىلىش، تۆرۈلۈش - يوقىلىشنى ئاتا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئاللانىڭ ئۆز زاتىدىن ئىنكار قىلدى. ئاللانى ئادەملەشتۈرۈپ بايان قىلىشنى رەت قىلدى؛ <قۇرئان كەرىم> يارىتىلغان، ئاللانى تىل بىلەن ئىپادىلىگۈچى دېگىلى بولمايدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن جاھىمىيە شەكىللەندى. ئۇلار جەبرىيەلەر يەنى تەقدىرچىلەر دەپمۇ ئاتالدى.