Uyghurئاساسىي لۇغەت
جابدۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىلەر ياسىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان ۋاستە.
دېھقانچىلىق سايمانلىرى، مېدىتسىنا ئەسۋانلىرى. تۆمۈر ئەسۋاب ئىشلىتىلمىسە دات باسىدۇ. ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولار. ھارۋىكەشنىڭ جابدۇقى پۈتمەس. ياغاچتا ياسالغان سايماننىڭ پانا يېمەيدىغىنى يوق. ئۇستام ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئاۋارە، قۇشناچىم ئۇپا - ئەڭلىكلىرى بىلەن ئاۋارە. دەستىگاھ پۇختىنىڭ ئىشى پۇختا. ئەنجام تولۇق بولسا، ئىش پۈتۈن بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گۈزەل كۆرسىتىدىغان دەپ ھېسابلانغان ھەر خىل نەرسىلەر.
سۆزۈڭنى بېزەتمەك بولساڭ گەر تىلەك، راستلىقتۇر سۆزۈڭگە ئەڭ ياخشى بېزەك. سۆزلىسەڭ، راست سۆزلەشنى قىل ئادەت، راستلىقتىن بارمۇ ياخشى زىبۇزىننەت. تاغنىڭ زىننىتى قورام تاش، ئادەمنىڭ زىننىتى ئۈستىباش. خوتۇن كىشىنىڭ جابدۇقى تولا. چىرايلىققا پەردازنىڭ لازىمى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھەرخىل قورال - سايمان، ئەسۋاب، جاھاز، سەرەمجان؛ بېزەك، بۇيۇملار.
ئۆي جابدۇقلىرى.
ئات - ئۇلاغلارنىڭ ئېگەر - توقۇم، يۈگەن - نوختىلىرى.
تەييارلىق، ھازىرلىق.
- جابدۇقۇم پۈتسە، بۇرۇنراق يولغا چىقاي دەيمەن، - دېدى نوشىرۋان تەيجى.