Uyghurئاساسىي لۇغەت
جا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
جاي، ئورۇن، ماكان، يەر:
ئىشقىڭ ھەۋەسىدە گەر يۈرۈرمەن،
دىيىدەم ئۆزەسىدە جا نېدىندۇر.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
جاي، يەر، ئورۇن، ماكان: جا بولماق - جايلاشماق؛ جاقىلماق - جايلاشتۇرماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
راست ئەمەس، ھەقىقىي ئەھۋالغا زىت.
<يالغان>، <يالغان - ياۋىداق> ئومۇمەن گەپ - سۆزگە قارىتىلىدۇ.
<ساختا>، <جا>، <رىيا> لار ئادەم ۋە نەرسىلەرگە قارىتىلىدۇ، ھىيلە - مىكىر ئارىلاشقان بولىدۇ.
<غەلەت> ئەسلى ھالىدىن باشقىچە ھال.
<جا> خەنزۇچە: 假
يالغانمۇ يولى بىلەن بولسۇن. يالغان - ياۋىداقنىڭ ئۇۋىسىنى تاپماق تەس. ساختا مال ئاسان سېزىلىدۇ. جا ئادەم ئاخىر جاندىن ئايرىلىدۇ. رىيا ئىش يامانلىققا قوشنا. غەلەت ھەرىكەت قىلساڭ، غەلىبە يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوبيېكتىپ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، ھەق ۋە ھەقىقىي ئەمەس. يالغان سۆز، ساختا مال، جا ئالتۇن
راست، چىن، جىڭ
ئوبيكتىپ رېئاللىققا ئۇيغۇن، ھەق ۋە ھەقىقىي. راست سۆز، چىن مال، جىڭ ئالتۇن
راست بىلەن يالغان بىر يەردە جەم بولماس. راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان (قاچىدۇ). قۇلاق ئاڭلىغان يالغان، كۆز كۆرگەن راست. راست ئېيتقان تۇتۇلۇپ، يالغان ئېيتقان قۇتۇلىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. بىر يالغاننى يېپىش ئۈچۈن ئون يالغان يېتىشمەيدۇ. ھەقىقىي سۆزنىڭ كۈچى چىن بولغانلىقىدا. جىڭ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ. جا دورا جاننى ئالىدۇ. ساختا مالنىڭ ئۇۋىسىنى تېپىش ئاسان.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
ياغاچ قۇرۇلما، جازا - چەللە: گۇندىيا ئۈستىگە ئاسما كۆۋرۈكتەك تۇرغۇزۇلغان جا سۇنىڭ دولقۇنىدا يىنىك تەۋرەپ غىچىرلاپ تۇرسىمۇ، دەماللىققا ئۆرۈلۈپ چۈشمەيتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
خەنزۇچە
ئىشەنگىلى بولمايدىغان، ئاساسسىز، ساختا، يالغان.
جا گەپ، جا ئىش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت <بولماق، قىلماق، ئەيلىمەك> پېئىللىرى بىلەن بىللە كېلىپ <ئورۇنلاشماق، ئورۇنلاشتۇرماق> دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.
كۆيۈكنى دىلغا جا ئەيلە، ساڭا دىلدار كېرەك بولسا.