Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېزىلاردىكى ئاددىي باشلانغۇچ مەكتەپلەر
دائىرە: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ تارىخى
1964 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان مەكتەپلەر بولۇپ، ئوقۇش تۈزۈمى ئۇزۇن بولسىمۇ، قىسقا بولسىمۇ بولىدىغان، ئۇزۇن - قىسقا مۇدەتتلىك سىنىپلار تەڭ مەۋجۇت بولغان بولۇپ، خەنزۇلار ئالتە يىللىق قىلىپ ئاچسىمۇ، تۆت يىللىق قىلىپ ئاچسىمۇ بولاتتى. ئالتە يىللىق قىلىپ ئاچقان مەكتەپلەر تۆت - ئىككىلىك باسقۇچقا بۆلۈشنى قوللىناتتى، مىللىيلارنىڭ بەش يىل بولۇپ، بەش يىلدىن تۆۋەن تۆت يىللىق ۋە ئۈچ يىللىقلىرىمۇ بولغان. ئۇلارنىڭ شەكلى خىلمۇ خىل بولۇپ، يېرىم كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمى، كۈن ئاتلاپ ئوقۇش تۈزۈمى، بىكار ۋاقىتتا ئوقۇيدىغان ئوقۇش تۈزۈمى، <ھەرىكەتچان مەكتەپ> تۈزۈمى قاتارلىقلار بولغاندىن سىرت، يەنە ئەتىگەنلىك - كەچلىك كۇرسلار، ساۋات چىقىرىش كۇرسلىرىمۇ بولغان. بۇ خىلدىكى مەكتەپلەرنى ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش چوڭ - كىچىك ئەترەتلىرى قۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەبلىغىنى ئاساسەن كوللېكتىپ چىقارغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن ئىش ھەققىگە تايىنىپ ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.