Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېسپېرسېن
دۇنيا تارىخى
(1860 - 1943) دانىيىلىك تىلشۇناس. كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيىگە چىقىپ ئوقۇغان. 1893 - 1925 - يىللىرى كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىز تىلى پروفېسسورى بولغان. ئىنگلىز تىلى تەتقىقاتى بىلەن داڭقى چىققان. 1928 - يىلى يېڭى ئىجاد قىلغان بىر تۈرلۈك دۇنيا تىلى <نوۋىئال> نى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تارقالمىغان. <تارىخىي پرىنسىپقا ئاساسلانغان ئىنگلىز گرامماتىكىسى>، <گرامماتىكىلىق پەلسەپە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.