Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېڭى زېلاندىيە خەلقئارا مۇسۇلمانلار جەمئىيتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
يېڭى زېلاندىيىدىكى ئىسلام دىنى تەشكىلاتى بولۇپ، 1969 - يىلى قۇرۇلدى. باش ئورگىنى ۋېللىنگتوندا. ئاساسىي پائالىيىتى: مەبلەغ تەييارلاپ، ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى سېلىش؛ مۇسۇلمانلارغا ئىسلام ئېتىقادىدا ۋە ئەمەلىيىتىدە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش؛ <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىس كۇرسلىرىنى ئېچىش، دىنىي تەبلىغات يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. <جەمئىيەت خەۋەرلىرى> ناملىق ئايلىق ژۇرنال (ئىنگلىزچە) چىقىرىدۇ.