Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېڭى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېزىقتا ماقالە ۋە ئەسەرلەرنىڭ ھەربىر ئابزاسى باشلانغان قۇر.
باش قۇردىن باشلا. يېڭى يولدىن يېزىلغان جۈملە. قۇربېشى بىر ئابزاسنىڭ باشلىنىدىغان يېرى بولۇپ، ئابزاس خاس مەزمۇنغا ئىگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كۆپ ئىشلىتىلمىگەن، تۇتۇلمىغان؛ يېقىندا ياسالغان، تىكىلگەن ياكى توقۇلغان.
يېڭى قازان. يېڭى پىچاق. يېڭى ئىشىك. يېڭى كىيىم. يېڭى گىلەم.
سۈپ. يېقىندا پەيدا بولغان، ياسالغان ياكى ئىلگىرىكىلىرىگە نىسبەتەن كېيىنرەك ۋۇجۇدقا كەلگەن ھەم ئىشلىتىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان.
يېڭى يول. يېڭى ئۆي. يېڭى دۇكان. يېڭى زاۋۇت.
سۈپ. يېقىندا ئىجاد قىلىنغان، يېقىندا ئىشلەنگەن ياكى جامائەتكە تېخى يېقىندىلا مەلۇم بولغان.
يېڭى كىتاب. يېڭى دورا. يېڭى كۈي. يېڭى كەشپىيات.
سۈپ. ئىلگىرىكىدىن باشقا، ئىلگىرىكىسىگە ئوخشىمايدىغان، پۈتۈنلەي باشقا؛ ئالاھىدە، باشقىچە.
ئۇ ھەمىشە، دېگۈدەك يېڭى پىكىرلىك ياخشى شېئىرلارنى يېزىپ كېلىۋاتىدۇ.
سۈپ. يېقىندا بەلگىلەنگەن، يېقىندا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ياكى يېقىندىن بېرى يولغا قويۇلۇۋاتقان، يېقىندا ئىجرا قىلىنىدىغان (تۈرلۈك چارە - تەدبىر، قائىدە - نىزاملار ھەققىدە).
يېڭى تەرتىپ. يېڭى قائىدە. يېڭى قانۇن، يېڭى چارە، يېڭى نىزام.
سۈپ. ئىلگىرىكى كىشىنىڭ ئورنىغا چىققان ياكى يېقىندا كەلگەن، كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان.
يېڭى ھاكىم. يېڭى باشلىق. يېڭى ئوقۇغۇچى. يېڭى ئەسكەر.
سۈپ. يېقىندا ئىش باشلىغان، تەجرىبىسىز، خام، ئۆگەنچى.
يېڭى شوپۇر. يېڭى تېخنىك. يېڭى دوختۇر.
سۈپ. شۇ يىلى بولمىغان ياكى شۇ مەۋسۈمدە يېتىشكەن، شۇ يىلقى، ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە يېتىلگەن؛ بۇزۇلمىغان، سۈپىتى، تەمى ياخشى، تەم - قۇۋۋىتى تولۇق ساقلانغان؛ تازا، پاكىز (تۈرلۈك ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە يېمەكلىكلەر ھەققىدە).
يېڭى پاقلاننىڭ گۆشى. يېڭى ئۆرۈك. يېڭى تال. يېڭى سەي. يېڭى ئالما.
سۈپ. ئۆتۈپ كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان، ئالدىمىزدىكى، نۆۋەتتىكى (ۋاقىت ھەققىدە).
يېڭى يىل. يېڭى ئەسىر. يېڭى ئاي. يېڭى ھەپتە.
سۈپ. ناتونۇش، بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان، ئەمدىلا تۇنجى كۆرۈنۈۋاتقان.
بۇ مەھەللە مەن ئۈچۈن يېڭى.
سۈپ. يېقىن ئۆتمۈشتە ياكى ھازىرقى دەۋر، ھازىرقى زامانغا ئائىت، شۇ دەۋرگە مەنسۇپ.
يېڭى مەدەنىيەت. يېڭى تارىخ. يېڭى دېھقانچىلىق.
رەۋ. يېقىندا، ئۇزاق ئۆتمىگەن ۋاقىتتا ياكى ھازىرلا.
رەپىق ئاكا يېڭى ياساتقان بۇرۇتىنى مەمنۇنىيەت بىلەن سىلاپ قويدى.
رەۋ. قايتىدىن، يېڭىۋاشتىن.
- مەن ئەمدى ئىشنى يېڭىدىن باشلاپ كۆرەي، - دېدى ئۇمۇ بوش كەلمەي.