Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۇرتدارچىلىق قانۇنلىرى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن لى سۇلالىسى مەزگىلىدىكى قانۇن. جەمئىي ئالتە جىلد، يەنى مەنسەپ، نوپۇس، قائىدە - يوسۇن، ھەربىي، جازا ۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئالتە قانۇندىن تەركىب تاپقان. شىزو (1455 - 1468 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) زامانىسىدا سۇيخىڭ قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە ئەمىر قىلغان. ئەسلىدىكى <يۇرتدارچىلىق ئىشىدىكى ئالتە قانۇن>، <ئالتە قانۇننىڭ داۋامى> ۋە <يۇرتدارچىلىق ئىشىدىكى ئالتە قانۇننىڭ كۆچۈرۈلمىسى> (ھەممىسى يوقىلىپ كەتكەن) قاتارلىقلارنىڭ مەزمونىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ئۇنىڭغا كېيىنكى پەرمانلارنى قوشۇپ، 1471 - يىلى (چىڭزۇڭنىڭ 2 - يىلى) نەشر قىلىنغان. كېيىن كۆپ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 1485 - يىلى (چىڭزۇڭنىڭ 16 - يىلى) غا كەلگەندە ئاخىر پۈتكەن. مەزكۇر كىتاب لى سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى دەۋرىدىكى قانۇن - تۈزۈملىرى ۋە جەمئىيىتى، ئىقتىسادى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا ئاساسلىق تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئەسلى نەشرى يوقىلىپ كەتكەن، ياپونىيە سېلىشتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن نۇسخىسىنى نەشىر قىلغان.