Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۇنۇس ئەلەيھىسسالام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس. ئاللانىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قەيت قىلىنىشىچە، يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى ئاللا كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. كىشىلەر ئاللاغا ئىشەنمەيدۇ. يۇنۇش ئەلەيھىسسالام خاپا بولۇپ كېمىگە چۈشۈپ كېتىپ قالىدۇ. دېڭىزدا بوران چىقىپ سوغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇنى لەھەڭ يۈتۈۋالىدۇ. ئۇ ئاللادىن پانا تىلىگەنلىكتىن، ئاللانىڭ بېشارىتى بىلەن لەھەڭ يۈنۈس ئەلەيھىسسالامنى دېڭىز بويىغا تاشلىۋېتىدۇ. ئاغرىپ قېلىپ قاقاسلىقتا ياتىدۇ. ئاللا خەير خالىق قىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا كاۋا ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ كاۋا بىلەن قورسىقىنى تويغۇزۇپ ساق قالىدۇ.