Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۇنمىنشەن قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەندىكى كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا دەۋردىكى خەلق قوزغىلىڭى. 1193 - يىلى (مىڭ زۇڭ 23 - يىلى) 7 - ئايدا جىن شامى يېتەكچىلىكىدىكى بىر قىسىم خەلق يۈنمىنشەن (چىڭشاڭ بېيداۋ ئۆلكىسى چىڭداۋ ۋىلايىتى) دە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ بىر قىسىم شەھەر، ناھىيىلەرنى ئىشغال قىلىپ ھەربىي ھاكىمىيەت ئەۋەتكەن قوماندان چۈەن سۇنجيېنى كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ قىلغان. ھەربىي ھاكىمىيەت 11 - ئايدا، ئالىي سانغۇن سۈيى رېننى باسقاقبەگ قىلىپ، ئوڭ - سولغا بۆلۈنۈپ ھۇجۇم قىلغان. كېيىنكى يىلى 2 - ئايدا جىن شامىي دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. شاۋشىن ۋە باشقا قوزغىلاڭچىلار دۈشمەن بىلەن داۋاملىق جەڭ قىلىپ، جاڭلىڭدا بۆكتۈرمىگە ئۇچراپ مەغلۇپ بولغان. 4 - ئايدا يەنە مىچىڭ شەھىرىنىڭ جۇتيەن كەنتىدىكى جەڭدە يېڭىلىپ، 7000 دىن ئارتۇق ئادىمى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان. 21 - ئايدا دېھقانلار قوشۇنى يېڭىلىپ، شاۋشىن قولغا چۈشۈپ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.