Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى
دۇنيا تارىخى
圆桌会议
yuán zhuō huì yì
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى لوندوندا چاقىرغان ھىندىستاندىكى سىياسىي كۈچلەر ۋە پارتىيە - گۇرۇھلار قاتناشقان يىغىن. بۇ يىغىن 1932 - 1934 - يىلى سىمون تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ تەكلىپى بويىچە چاقىرىلغان، ئاساسەن ھىندىستاندا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىن جەمئىي ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. بىرىنچى قېتىمقىسى 1930 - يىل 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 1931 - يىل 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنىگىچە داۋام قىلغان. ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بايقۇت ئېلان قىلىپ، ۋەكىل ئەۋەتمىگەنلىكىتىن، نەتىجە ھاسىل قىلىنمىغان. ئىككىنچى قېتىمقىسى 1931 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە داۋام قىلغان. گەندى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. دىنىي مەزھەپلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاساسىي قانۇنلۇق ئاپپاراتتىكى ئورنىنىڭ تەقسىماتى مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش بولۇپ، قاتماللىق ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. ئۈچىنچى قېتىمقىسى، 1932 - يىل 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە داۋام قىلغان. بۇنىڭدا ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى تەييارلىنىپ، <1935 - يىلىدىكى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى> ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان.