Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يۇمىلاق ئىككى رەڭلىك خۇسۇسىيەت
بىئولوگىيە
圆二色性
yuánèrsèxìng
تەكشى يۈزلۈك قۇتۇپلانغان نۇر ئېلېكتر نۇرىنى تەڭشىگۈچى ئەسۋابتىن ئۆتكەندە ئوڭ - سول يۇمىلاق قۇتۇپلانغان نۇر ھاسىل بولىدۇ. ئوڭ يۇمىلاق قۇتۇپلانغان نۇر ئەۋرىشكە كۆلچىكىدىن ئۆتكەندە، نۇر بۇرىغۇچى ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈشى ئوخشىمىغانلىقتىن ئەگەشمە قۇتۇپلانغان نۇر ھاسىل بولىدۇ، نۇر بۇرىغۇچى ماددىلارنىڭ ئوڭ - سول يۇمىلاق قۇتۇپلانغان نۇر ھاسىل بولىدۇ. ئوڭ يۇمىلاق قۇتۇپلانغان نۇر ئەۋرىشكە كۆلچىكىدىن ئۆتكەندە، نۇر بۇرىغۇچى ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈشى ئوخشىمىغانلىقتىن ئەگەشمە قۇتۇپلانغان نۇر ھاسىل بولىدۇ، بۇر بۇرىغۇچى ماددىلارنىڭ ئوڭ - سول يۇمىلاق قۇتۇپلانغان نۇرغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي بەلگىلىك نۇر يىمىرىش كوئېففىتسېنتى بولىدۇ، بۇنداق ئىككى نۇر يىمىرىش كوئېففىتسېنتلىرىنىڭ پەرقى (△ε) يۇمىلاق ئىككى رەڭلىك خۇسۇسىيەت (CD) دەپ ئاتىلىدۇ. نۇر يىمىرىش كوئېففىتسېنتلىرىنىڭ پەرقى (△ε) نى ئابسىسا، دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنى ئورىناتاقىلىپ سىزىلغان ئەگرى سىزىق يۇمىلاق ئىككى رەڭ سېپكترى دېيىلىدۇ. يۇمىلاق ئىككى رەڭ سپېكترىگە ئاساسەن ئېنىقلىنىدىغان ئەۋرىشكىنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. نۇر بۇراش ئاكتىپلىقىغا ئىگە بولغان ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى يۇمىلاق ئىككى خۇسۇسيەتلىك ئېنىقلاش ئەسۋابى يەنى يۇمىلاق ئىككى رەڭلىك ئەسۋاب ئېنىقلىنىدۇ.