Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۈگەنسىز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
يۈگىنى يوق، يۈگەن سالمىغان، يۈگەنلەنمىگەن.
ئۈچتۇرپاندىن ئات ئېلىپ، مىنىپ كەلدىم يۈگەنسىز، بۇ يۇرتقا مۇساپىرمەن، بىر قاراپلا بىلگەنسىز.
كۆچمە. كونترول قىلىنمىغان، تىزگىنلەنمىگەن.
يۈگەنسىز دەريا ئېقىنى ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىۋەتتى.