Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۈگەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات - ئېشەكنىڭ بېشىغا سالىدىغان جابدۇق.
<نوختا> دا ئېغىزدۇرۇق بولمايدۇ.
ئاتنى ساتساڭ، يۈگەننى قالدۇر. ئاتىسى باشقىنى خۇدا قوشىدۇ، ئۈيۈرى باشقىنى نوختا. ئات بوينىدا جوغۇلا، بېشىدا يۈگەن - نوختا، ئاچچىقىڭ تولا كەلسە، سەۋرى قىل، بىزە توختا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئات، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئېغىزىغا سالىدىغان، جۆجەي، تىزگىن ۋە چۇلۋۇرلىرى بولغان، ئېغىزدا تۇرىدىغان يېرى تۆمۈردىن ياسالغان، قالغان يېرى تاسمىدىن ياسالغان بۇيۇم.
كۆچمە. كونترول، تىزگىن.
ئۆگەنگىن دوستۇم، تىرىشىپ ئۆگەن. ۋاقىت بوينىغا سېلىپ يۈگەن.