Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېڭى شەرق سىياسىتى
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى يولغا قويغان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپاغا قاراتقان تاشقى سىياسەت. 1969 - يىلى 10 - ئايدا براند (1913 - ؟) سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلغاندىن كېيىن يولغا قويۇشقا باشلىغان. براند شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ تۈۋرۈكى ئىكەنلىكى، مۇشۇ شەرت ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ئۇنى يەنىمۇ نورماللاشتۇرىدىغانلىقىنى؛ گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككىنچى گېرمانىيە دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى شۇنداقتىمۇ ئۇنى <چەت ئەل> دەپ قارىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> بولۇپ، ئىككى گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ياۋروپادىكى <تىنچ شارائىت> تا دېموكراتىك گېرمانىيىگە قارىتا <يېقىنلىشىش يولى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئالغا سۈرۈش> چارىسىنى قوللىنىپ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان.