Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېڭى گرانادا شەھەر ئاھالىسى قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1781 - يىلى يېڭى گرانادا شەھەر ئاھالىسى ئىسپانىيە مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرىشى. سوكوررو شەھەر ئاھالىسى 1781 - يىلى 3 - ئايدا ئىسپانىيە مۇستەملىكە ئەمەلدارلىرىنىڭ زورلۇق بىلەن تۈرلۈك ئالۋان - ياساق ئېلىشىغا غەزەپلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شەھەر مەمۇرىيىتىنى تاماكا بېجى يىغىشنى توختىتىشقا ھەمدە <كوممۇنا> ناملىق كومىتېت تەشكىل قىلىشقا مەجبور قىلغان. قوزغىلاڭچى ئارمىيە يەرلىك ئاق تەنلىكلەردىن تەركىب تاپقان. كېيىن ئىندىئانلارنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، تېزلىكتە زورىيىپ، تەسىرى سانتاندېر، بوياكا قاتارلىق ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيگەن ھەمدە بوگاتاغا يۈرۈش قىلغان. 6 - ئايدا مۇستەملىكەت دائىرىلىرى پادىشاھلىق تاماكا پاتېنتىنى بىكار قىلىش ۋە باج - سېلىقنى كېمەيتىش يولى بىلەن قوزغىلاڭچى ئارمىيىنى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىشقا ئالدىغان. 8 - ئايدا مۇستەملىكىچىلەر كېلىشىمىنى يىرتىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىلىرى يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. لېكىن ئىچكى قىسىمىدا بۆلگۈنچىلىك يۈز بېرىپ، 10 - ئايدا باستۇرۇلغان.