Uyghurئاساسىي لۇغەت
يوسې مانكىسدور
دۇنيا تارىخى
(1895 - 1956) مېكسىكىلىق يازغۇچى، سىياسىي ئوبزورچى. ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇپ، كېيىن پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1910 - 1971 - يىللاردىكى مېكسىكا بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1919 - يىلى خەلقئارا ئىلغار يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىيات تەشكىلاتى - <نۇر ئۇيۇشمىسى> نى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان. 1933 - 1939 - يىللىرى <يول> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1936 - يىلى مېكسىكا يازغۇچىلىرىغا ۋەكىل بولۇپ، ئىسپانىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا يازغۇچىلارنىڭ فاشىزمغا قارشى يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روشەن بولغان جاھانگىرلىككە قارشى ئىدىيىۋىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ <قىرغاق - زېمىن>، <ھاڭ ئالدىدىكى سۈبھى>، <ئىسيان> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.