Uyghurئاساسىي لۇغەت
يوشۇرۇش ھادىسىسى
پسىخولوگىيە
كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئاۋازدىن كۈچلۈكى ئاڭلىنىپ، كۈچسىزى ئاڭلانماي قېلىش ھادىسىسى يوشۇرۇش ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. يوشۇرۇش ھادىسىسى ئۈچ خىل بولىدۇ: (1) ساپ ئاۋازنىڭ ساپ ئاۋازنى يوشۇرۇشى: چاستوتىسى (سىكۇنتىغا تەۋرىنىش مىقدارى) ئوخشاشراق بولغان ئىككى ئاۋازنىڭ يوشۇرۇشى زور بولىدۇ، تۆۋەن چاستوتىلىق ئاۋازنىڭ چاستوتىسى يۇقىرى ئاۋازنى يوشۇرۇشى چاستوتىسى يۇقىرى ئاۋازنىڭ چاستوتىسى تۆۋەن ئاۋازنى يوشۇرۇشىدىن زور بولىدۇ. (2) تىل تاۋۇشىنىڭ يوشۇرۇشى: يوشۇرۇش رولى تىل تاۋۇشلىرىنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پەقەت بىرلا خىل تىل بولسا، يوشۇرۇش رولى ئانچە چوڭ بولمايدۇ؛ تىل سانى كۆپ بولسا، يوشۇرۇش رولىمۇ زور بولىدۇ. بىر قانچە يوشۇرغۇچى تىللارنىڭ ئومۇمىي كۈچى ئانچە يوشۇرۇش رولى بولمىغان يالغۇز تىل بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇش ئۈنۈمى بولىدۇ.