Uyghurئاساسىي لۇغەت
يوق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىنكار جاۋاب.
ھە، ھەئە، خوپ، خوش، ماقۇل
ئىجابىي جاۋاب.
ھە، بارسام باراي. ھەئەدىن ئوبدان جاۋاب يوق، جىگەردىن ئوبدان كاۋاپ (يوق). بارغا خوپ، يوققا يوق. يۇمشاققا خوش، خوپ، قاتتىققا يوقسۇ، ياق. ئۆزى تىلىمەيدۇ، بەرسەڭ ياق دېمەيدۇ. ماقۇل دېسەڭ، خوپ دەيدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۇقىرى، ئېگىز، دۆڭ.
يوق يېر _ ئېگىز يەر، دۆڭ يەر.
3 - 3
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يوق.
ئول مۇندا يوق _ ئۇ بۇ يەردە يوق.
3 - 195
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① يوق؛ ② يوقسۇل، گاداي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مەۋجۇت ئەمەس، بارنىڭ ئەكسى.
ئۇمۇ يوق، بۇمۇ يوق، ئېرىقتىكى سۇمۇ يوق (ماقال).
بەزى جۈملىدە ئىنكار (ياق، ئەمەس) مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ سۆز گۈلشاتنىڭ ئاغزىدىن بىرىنچى قېتىم چىقىۋاتقىنى يوق.