Uyghurئاساسىي لۇغەت
يوغىنىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ بولماق، بارغاسېرى زور بولماق.
قۇرت سۇردا كۆپىيەر، يامانلىق ھۇرۇنلۇقتا چوڭىيار. زورىغا زورايغان ئۇزۇنغا بارمايدۇ. يوغىنىغان دەرەخ ئىلدامراق سۇنىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى... بۇرۇنقىدىن ئېشىپ بارماق.
كىچىكلىمەك، ئۇششاقلىماق
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى... بۇرۇنقىدىن تۆۋەنلىمەك.
تاي چوڭىيىپ ئات بولار. باش يوغىنىسا، بۆكمۇ يوغىنايدۇ. كىچىك پېئىل بولساڭ، كىچىكلەپ كەتمەيسەن. گەپنى ئۇششاق قىلساڭ، دەرد بولىدۇ. يوغىنىغان دەرەخ ئىلدامراق سۇنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىگىلىگەن ئورۇن ھەجىم جەھەتتىن كېڭەيمەك، چوڭايماق.
كونا ئۆيلەر چېقىلىپ، مەيدان خېلى يوغىناپتۇ.
ئۆسمەك، يېتىلمەك، زورايماق، چوڭلىماق.
يەر ھەققىدىكى گەپكە كۆچۈشىمىزدىكى سەۋەب، مۇنداق يەردە قاپاق بەك يوغىنايتتى.
تەسىر دائىرىسى كېڭەيمەك، زورايماق، ئەۋج ئالماق.
موللا زەيدىن بەدرىدىن مەخسۇمنىڭ ئىشىنى بۇ قەدەر يوغىناپ كېتىدۇ، دەپ ئەسلا ئويلاپ كۆرمىگەنىدى.