Uyghurئاساسىي لۇغەت
يىمىرىلىش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<گېئول> ئۇزۇن مۇددەتلىك شامالنىڭ يالىشى، ئاپتاپتا قېلىش، ھۆل - يىغىنلارنىڭ نەمدەپ يالىشى، ئورگانىزملارنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق تەسىرلەر نەتىجىسىدە، يەر پوستىنىڭ يۈزىدىكى ۋە يەر پوستىنى تەشكىل قىلغان ھەر خىل تاغ جىنسلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ ۋەيران بولۇشى ياكى ئۆزگىرىپ كېتىشى.
<فىز> بىر ئاتوم يادروسىنىڭ ماسسىلىرى ئوخشاشراق بولغان ئىككى يادروغا بۆلۈنۈش جەريانى.
<فىز> رادىئو ئاكتىپ نۇكلىدلارنىڭ رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەرنى رادىئاكسىيىلەپ چىقىرىش ئارقىلىق باشقا بىر خىل نۇكلىدقا ئۆزگىرىش جەريانى، تۇراقسىز ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن يېڭى زەررىچىلەرگە ئۆزگىرىش جەريانىمۇ يىمىرىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.
<خىم> كرىستال ھىدراتلارنىڭ ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ۋە قۇرغاق ھاۋادا كرىستال سۈيىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يوقىتىش ھادىسىسى.