Uyghurئاساسىي لۇغەت
يىمىرىلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<يىمىرمەك> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
ئەشرەپ بوۋاينىڭ كۆزلىرى پارقىراپ، قېلىن كالپۇكلىرى كۈلكىدىن يىمىرىلدى.
كۆچمە. ئاجىزلاشماق، ھالىدىن كەتمەك، ۋەيران بولماق، يوقالماق.
تاملارمۇ خارابىدەك بولۇپ كەتكەن، سۇۋاقلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ، يىمىرىلىشكە باشلىغانىدى.
كۆچمە. ۋەيران بولماق، يوقالماق، ئاغدۇرۇلماق.
فېئوداللىق تۈزۈمى يىمىرىلدى.