Uyghurئاساسىي لۇغەت
يىلان قۇيرۇقلۇقلار سىنپى
بىئولوگىيە
<نۇرسىمان پۇتلۇقلار سىنىپى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تىكەن تېرىلىك ھايۋانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. بەدىنىنىڭ مەركىزىي تەخسىسى بىلەن بارماقچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى چېگرىسى ئېنىق، مەركىزىي تەخسىسى كىچىك، بەدەن پوستىدا ئامبور تىكەنچىسى بولمايدۇ، قورساق تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاغزى بولىدۇ، ئانۇسى يوق. بارماقچىلىرى ئىنچىكە ئۇزۇن شاخلانمىغان ياكى دەرەخ شېخىغا ئوخشاش شاخلانغان. قورساق تەرىپىدە يول ئېرىقچىسى بولمايدۇ. نەيچە پۇتى رۇدىمېنتلىشىپ سېزىش بارماقچىسى شەكىلىگە ئايلانغان، شوراش تەخسىسى يوق، پەقەت سېزىش ۋە نەپەسلىنىش رولىنىلا ئۆتەيدۇ. بارماقچىلىرى پەقەت سۇ يۈزى (گورىزونت) يۆنىلىشتە قايرىلىپ ھەرىكەتلىنەلەيدۇ، ياكى قوشۇمچە تىك ھەرىكەت قىلالايدۇ. يىلان قۇيرۇقلۇقلار سىنىپى دېگەن نام ئۇلارنىڭ بارماقچىلىرىنىڭ شەكلى ۋە ھەرىكەت تۈسىنىڭ يىلان قۇيرۇقىغا ناھايىتى ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن. تارقىلىشى كەڭ، ھەر خىل ئوخشىمىغان چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىزلارنىڭ ھەممىسىدىن تېپىلىدۇ. دېڭىز تېگىدىكى خادا تاشلارنىڭ يوچۇقلىرىدا ياساشنى ياخشى كۆرىدۇ، كىچىك ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، ئادەتتە دېڭىز تېگىدە توپلىشىپ ناھايىتى چوڭ كولونىيە ھاسىل قىلىدۇ، بەزىدە بېلىق تورلىرىغا يۆگىلىۋېلىپ بېلىقچىلىق ئىشلىرىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. پۈتۈن دۇنيادا ساقلىنىپ قالغانلىرى تەخمىنەن 1600 تۈر بولۇپ، تىكەن تېرىلىك ھايۋانلار ئىچىدە سانى ئەك كۆپلىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرى: قۇرغان يىلان قۇيرۇقى، سېۋەتسىمان يىلان قۇيرۇق قاتارلىقلار.